—参考资料
يۈرەك بەدەندىن ئايرىلسىمۇ سوقۇۋېرىدۇ
领域: بىئولوگىيىلىك ھادىسىلەرپاقىنىڭ بېشىنى كېسىۋېتىپ، يۇلۇنىنى يىڭنە بىلەن قوچۇپ بۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمىنى قايچا بىلەن ئاچساق يۈرەكنىڭ يەنىلا رېتىملىق سوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئاندىن يۈرىكىنى قايچىدا ئاۋايلاپ كېسىۋېلىپ %7 .0 لىك تۇز سۈيىگە سالساق، يۈرىكى داۋاملىق سوقۇۋېرىدۇ. يۈرەكنى ئىككى پارچە قىلىۋەتسەكمۇ ئۇنىڭ يېرىمى يەنىلا سوقۇۋېرىدۇ. يۈرەك بەدەندىن ئايرىلىپمۇ بىرنەچچە سائەت ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سوقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ھادىسە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
يۈرەكنىڭ فۇنكسىيىسى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باغلىق. يۈرەك مۇسكۇلىدا سۆڭەك مۇسكۇللىرىغا ئوخشاش قوزغىلىشچانلىق، ئۆتكۈزۈشچانلىق، قىسقىرىشچانلىق بولغاندىن سىرت، ئاپتوماتىك رىتىمچانلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكمۇ بار. يۈرەكتە يەنە يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە مۇسكۇل توقۇلمىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، يۈرەكنىڭ نورمال خىزمىتى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. پۈتكۈل ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىدا ئەڭ يۇقىرى قوماندانلىق ئورنىدا تۇرىدىغىنى سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى يۈرەك ئوڭ دالانچىسىنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولىدۇ ھەمدە ئۇ پۈتۈن يۈرەك سوقۇشنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى كونترول قىلىدۇ. قوزغىلىش سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىدىن باشلىنىپ، رەت بويىچە پۈتۈن يۈرەك مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى مىنۇتىغا70 −80 قېتىم قوزغىتىش دولقۇنى چىقىرىپ تۇرىدۇ، سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ بۇ قوزغىتىش دولقۇنلىرى بىر - بىرىگە ئۇلانغان ھالدا داۋاملىق چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، باشقا ئورۇنلار پەقەت بۇ دولقۇنلارنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ قوماندانلىق ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى ئەڭ ئالىي قوزغىتىش نۇقتىسى بولغاچقا، بۇنداق يۈرەك رىتىمى سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى دېيىلىدۇ.
سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى ئۆز دائىرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرسىمۇ، ئەمما باشقا ئورۇنلار يەنىلا ئاپتوماتىك رىتىمچانلىقىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ. ئەگەر ئاغرىق تۈپەيلىدىن سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ چىقارغان قوزغىتىش دولقۇنلىرى ۋە يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستىلاپ، چىقىرىلغان قاننىڭ مىقدارى بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا، دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوزغىتىش دولقۇنلىرىنى ئاپتوماتىك چىقىرىپ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىپ، يېتەرلىك قان چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنى «ئىككىنچى يانمۇيان ئەترەت» نىڭ رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئىككىنچى قوزغىتىش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى بىلەن دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنىمۇ نورمال ئىشلىيەلمىسە، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تۇتام تارمىقىمۇ ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىرىشى ۋە بوشىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ، بۇ «ئۈچىنچى يانمۇيان ئەترەت» ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن، سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن تىزگىنلەنگەن يۈرەك سوقۇش غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك سوقۇش دېيىلىدۇ، بۇ چاغدىكى يۈرەك رىتىمى غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك رىتىمى دېيىلىدۇ.
参考资料
ھۈجەيرە بىلىملىرى
پاقىنىڭ بېشىنى كېسىۋېتىپ، يۇلۇنىنى يىڭنە بىلەن قوچۇپ بۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمىنى قايچا بىلەن ئاچساق يۈرەكنىڭ يەنىلا رېتىملىق سوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئاندىن يۈرىكىنى قايچىدا ئاۋايلاپ كېسىۋېلىپ %7 .0 لىك تۇز سۈيىگە سالساق، يۈرىكى داۋاملىق سوقۇۋېرىدۇ. يۈرەكنى ئىككى پارچە قىلىۋەتسەكمۇ ئۇنىڭ يېرىمى يەنىلا سوقۇۋېرىدۇ. يۈرەك بەدەندىن ئايرىلىپمۇ بىرنەچچە سائەت ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سوقۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ھادىسە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
يۈرەكنىڭ فۇنكسىيىسى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باغلىق. يۈرەك مۇسكۇلىدا سۆڭەك مۇسكۇللىرىغا ئوخشاش قوزغىلىشچانلىق، ئۆتكۈزۈشچانلىق، قىسقىرىشچانلىق بولغاندىن سىرت، ئاپتوماتىك رىتىمچانلىقتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكمۇ بار. يۈرەكتە يەنە يۈرەكنىڭ ئۆتكۈزۈش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە مۇسكۇل توقۇلمىسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، يۈرەكنىڭ نورمال خىزمىتى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. پۈتكۈل ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىدا ئەڭ يۇقىرى قوماندانلىق ئورنىدا تۇرىدىغىنى سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى يۈرەك ئوڭ دالانچىسىنىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولىدۇ ھەمدە ئۇ پۈتۈن يۈرەك سوقۇشنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى كونترول قىلىدۇ. قوزغىلىش سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىدىن باشلىنىپ، رەت بويىچە پۈتۈن يۈرەك مۇسكۇلىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى مىنۇتىغا70 −80 قېتىم قوزغىتىش دولقۇنى چىقىرىپ تۇرىدۇ، سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ بۇ قوزغىتىش دولقۇنلىرى بىر - بىرىگە ئۇلانغان ھالدا داۋاملىق چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، باشقا ئورۇنلار پەقەت بۇ دولقۇنلارنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىلا ئۆتەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ قوماندانلىق ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى ئەڭ ئالىي قوزغىتىش نۇقتىسى بولغاچقا، بۇنداق يۈرەك رىتىمى سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى دېيىلىدۇ.
سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى ئۆز دائىرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرسىمۇ، ئەمما باشقا ئورۇنلار يەنىلا ئاپتوماتىك رىتىمچانلىقىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ. ئەگەر ئاغرىق تۈپەيلىدىن سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ چىقارغان قوزغىتىش دولقۇنلىرى ۋە يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستىلاپ، چىقىرىلغان قاننىڭ مىقدارى بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا، دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوزغىتىش دولقۇنلىرىنى ئاپتوماتىك چىقىرىپ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىپ، يېتەرلىك قان چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنى »ئىككىنچى يانمۇيان ئەترەت«نىڭ رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئىككىنچى قوزغىتىش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر سىنۇس - دالانچە تۈگۈنى بىلەن دالانچە - قېرىنچە تۈگۈنىمۇ نورمال ئىشلىيەلمىسە، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تۇتام تارمىقىمۇ ئاپتوماتىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىرىشى ۋە بوشىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ، بۇ «ئۈچىنچى يانمۇيان ئەترەت» ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن، سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن تىزگىنلەنگەن يۈرەك سوقۇش غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك سوقۇش دېيىلىدۇ، بۇ چاغدىكى يۈرەك رىتىمى غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك رىتىمى دېيىلىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。