Uyghur主要词典
ئېرفۇرت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى1808 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى روسىيە كورۇلى ئالېكساندر Ⅰ بىلەن فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون Ⅰ ئېرفۇرتتا كۆرۈشكەندە ئىمزالىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى. مۇددىتى ئون يىل. ئۇنىڭدا تىلسىت شەرتنامىسىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقى (1807) تەكىتلىگەن. فرانسىيە روسىيەنىڭ فىنلاندىيە، مولدۋا ۋە ۋالاخىيىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقى، ئاۋسترىيە روسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا روسىيىگە ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ئىككى دۆلەت كورۇلى ئەنگلىيىگە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش تەكلىپىنى بېرىش، ئەگەر ئۇ رەت قىلىنسا مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشقا ماقۇل بولغان. بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتەلمىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。