ئىراقⅡ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئىراق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبى، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مايدانى 438 مىڭ 446 كۇۋادىرات كېلومېتىر. ئەرەبلەر %79نى كوردلار %20نى، قالغىنىنى پارىسلار، تۈركلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، كورد رايونىدىكى ھۆكۈمەت تىلى كورد تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. %96 كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ %60نى شىئە مەزھىپى ئىگەللەيدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەر خىرىستىئان دىنى ياكى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.[CRLF]ئىراقنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسى دۇنيا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلېرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىدىكى 4700-يىلدىن باشلاپ ئىراقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شومىر پادىشاھى، بابىلون پادىشالىقى، ئاسسۇرىيە پادىشالىقى ۋە كېيىنكى بابىلون پادىشالىقلىرى قۇرۇلغان، كېيىن پارىس (پىرسىيە) ئېمپىرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب ئېمپرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئوسمان تۈرك ئېمپرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1920-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ، 1921-يىلى 8-ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى فايسال سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئىراق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.[CRLF]ئىراقنىڭ نىفىت زاپىسى مول بولۇپ، ئېنىقلانغان زاپىسى 13 مىليارت 400 مىليون توننىغا، تەبىئىي گازنىڭ زاپىسى بىر ترىلىيون 20 مىليارت كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. ئىراق ئاھالىسىنىڭ %5.36تى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. خۇرمىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى تەخمىنەن 400 مىڭ توننا بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %40 تىنى ئىگىلەيدۇ. خۇرمىنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.[CRLF]ئاسالىق شەھەرلىرى: ①باغداد. دۆلەت پايتەختى، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ۋە سودا، مەدەنىيەت مەركىزى. ② بەسرە. ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى.