Uyghur主要词典
ئىران مىللەتچىلىرى
دۇنيا تارىخى
ئىران يەر ئاستى فاشىستىك تەشكىلاتى. 1942 - يىلى قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە فاشىست گېرمانىيىسىنىڭ مەقسىتى بويىچە، قەنۇبىي ئىراندىكى قەبىلىلەرنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ شۇۋېنىزملىق سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئەنگلىيىگە قارشى كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى ئسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن. ئەزالىرى گىتلېرچى ئۇنسۇرلار بىلەن بىللە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، تۆمۈريول، تاشيوللارنى بۇزۇپ، گېرمانىيىگە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان. 1943 - يىلى قەبىلىلەر توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى توختاتقاندىن كېيىن، پارچىلىنىپ كەتكەن.