Uyghur主要词典
ئىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
جىر، ناخشا، كۈي، «يىر» غا قاراڭ.
تۈركانە ئىر ئىلاغۇنچە ئانىڭ،
كۆيدۈردى مېنى يالاي بۇلاسى.
سەككاكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاق بىلەن كۈي ئاھاڭنىڭ بىرىكمىسى. <ئېيتماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ. كىشىلەر بەلەن ئاۋاز بىلەن ئېيتىدۇ.
<ناخشا> ئومۇمىي نام.
<غەزەل> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<شەرق> 30 - يىللاردا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسىنى كۆرسىتەتتى.
<مارش> قوشۇن يۈرۈش قىلغاند
يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ئەلا. ناخشا ياڭرىغان يەردە ھاياتنى نەس باسماس. يېڭىدىن غەزەل چىقتى، ئېيتالماي جېنىم چىقتى. غەزەلنى باشلىماق تەس. <بىز ئىزچىلار بىز> دېگەن شەرقنى 30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئېيتاتتى. <پىدائىيلار مارشى> ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ گېمىنى.
ئۆلەن:
ھاي - ھاي ئۆلەن، جان ئۆلەن، ئۆلەن كۆپتۈر، يار - يار.
ئۆلەن ئېيتقان تىلىڭدىن ماڭا ئۆپتۈر، يار - يار.
يار - يار:
تاغدا تايچاق كىشنەيدۇكەن، ئات بولدۇم دەپ يار - يار، ئات بولدۇم دەپ،
ئۆيدە كېلىن يىغلايدۇكەن، يات بولدۇم دەپ، يار - يار، يات بولدۇم دەپ.
لاي - لاي:
چەش دۆۋىلىنىپ تاغ بولدى ئەجرىمىزدىن لاي - لاي -لاي،
تاشتى شادلىق سەل بولۇپ قەلبىمىزدىن لاي - لاي - لاي،...
ئەللەي:
قاراڭغۇدا تۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي،
بۇشۇگۈڭدە بۇغۇلدۇڭ، ئەللەي بالام، ئەللەي...
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىزا، خىجالەت مەنىلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆز. ئەر ئىر بولدى _ ئادەم ئىزا تارتتى.
1 - 50
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شىمال، <ئىرⅡ> گە قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جەنۇب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا. پال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا. جىر، كۈي، ناخشا.
ئەنجۈردىن شېرىن - شەربەت بېرىپ دىلغا، ئىر ئىرلاپ، جاراڭلىق ساز چېلىپ كەپسەن.