Uyghur主要词典
ئىقتىساد
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوتتۇرا ھاللىق؛ ئىگىلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<س ئىق> مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ياكى ئىقتىسادىي تۈزۈم، ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدىكى بازىس.
<س ئىق> ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش ۋە ئىستېمال قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانى.
<س ئىق> خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي نامى ياكى خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، يەنى سانائەت ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىكى، سودا ئىگىلىكى قاتارلىقلار.
ئىقتىسادشۇناسلىق.
ئىقتىساد ئۆگەنمەك. ئىقتىسادتىن لېكسىيە سۆزلىمەك. ئىقتىسادتىن دەرس بەرمەك.
سەرپىيات ۋە خىراجەتتىكى ئېھتىياتكارلىق، تېجەشلىكلىك.
پۇلنى ئىقتىساد قىلماق. ئىقتىساد بىلەن ئىش كۆرمەك.
جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياكى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسى.
ئىقتىسادى ياخشى ئورۇن. ئىقتىسادتا ئارقىدا قالماق.
ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ قالدى.
كۆچمە. پۇل.
ئىقتىسادتا قىينالماق. ئىقتىساد يېتىشمەسلىك.