Uyghur主要词典
ئىقتىباس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاېلىش، ئارىيەت ئېلىش؛ ئوخشتىشى، تەقلىد قىلىش.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەپچە 1قىتيباس - زىيا، ئالماق سۆزىدىن
1. ئۆز پىكرىنى ئىزاھلاش ياكى تەستىقلاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن پارچە ياكى مەلۇم بىرەر سۆز (ئىستاتا) كەلتۈرۈش؛ 2. باشقا بىر شائىرنىڭ شېئىرىنى ئىجادىي قايتا ئىشلەش.
مەرھابا، باشلانغان ئالتۇن دەۋرىڭگە!
ھەي، قەدىمى، گۈزەل يالقۇنتاغ گۈلى،
"تىل تەگمىسۇن باھارىڭغا،
ئاسقىن تىل تۇمار" . . . ① (بۇ ئىككى مىسرا ئا . خوجانىڭ )
ھاياجان ئىچىدە تۇرغان بايروننىڭ
بالزاك ۋە گابايىنلارنىڭ
كۆزىدە تۇرپان ئوبرازى:
ئەرشكە ئۆرلەۋاتقان نەقىشلىك مۇنار!(مەمەتجان سادىق)
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالماق، كۆچۈرمە قىلىپ ئالماق، نەقىل قىلماق، ئوخشاتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەر.
ئابدىرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <خەلق ماقالىلىرىدىن ئىقتىباسلار> دېگەن شېئىرى 1949 - يىل يېزىلغان.