Uyghur←Chinese主要词典
ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمە
领域: بىئولوگىيە原肠胚
yuánchángpēi
ھايۋان تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ بىر باسقۇچى. خالتىلىق تۆرەلمىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ دېففېرېنسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمىنىڭ شەكىللىنىشى مۇرەككەپ بىر ھۈجەيرە ھەرىكەت جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھۈجەيرىنىڭ يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلىشى (مەسىلەن، سىلجىپ كىرىش، قەۋەتلىنىش، ئىچىگە قاتلىنىش، ئىچىگە يۆگىلىش، سىرتىغا ئۇرۇلۇش، مەركەزلىشىش قاتارلىق) ياكى قانۇنىيەتلىك تىزىلىپ قۇراشتۇرۇلۇش، ئاخىرىدا قوش تۆرەلمە قەۋەتلىك ياكى ئۈچ تۆرەلمە قەۋەتلىك تۆرەلمىگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت. كاۋاك خالتىلىق تۆرەلمىدە ئالدى بىلەن خالتىلىق تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈملۈك قۇتۇبى دىۋارىنىڭ ھۈجەيرىلىرى خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقىغا قاتلىنىپ كىرىپ، ئويمانچە پەيدا قىلىدۇ، كېيىن بۇ ئويمانچە بارغانسېرى چوڭقۇرلاپ ئاخىرىدا ھايۋان قۇتۇبىنىڭ ئىچكى قەۋىتىگە يېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تۆرەلمە قەۋەت ئېكتوبلاست، ئېندوبلاست شەكىللىنىدۇ. يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ ئۈچ تۆرەلمە (تۆرەلمە) قەۋەتنى (ئېكتوبلاست تۆرەلمە، مېزوبلاست تۆرەلمە، ئېندوبلاست تۆرەلمە) شەكىللەندۈرىدۇ. ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلارغا ئوخشاش تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئۈچەي تۆرەلمىسى پەقەت ئىككى تۆرەلمە قەۋەت، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ بولسا، ئۈچ تۆرەلمە قەۋەت بولىدۇ. بۇ دەۋردە خالتا دىۋارى ئىچىگە قاتلىنىپ ئىچكى تۆرەلمە قەۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ ئىپتىدائىي ھەزىم قىلىش يولى - ئىپتىدائىي ئۈچەينى ھاسىل قىلغاچقا ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمە دەپ ئاتالغان. ئۈچ تۆرەلمە قەۋەتلەر ئورگانىزمدىكى بارلىق ئورگان ۋە توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساس ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。