Uyghur←Chinese主要词典
ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى
دۇنيا تارىخى
主教叙任权
zhǔ jiào xù rèn quán
ئوتتۇرا ئەسرلەردە غەربىي ياۋرۇپادىكى فېئودال يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بېقىندى كىشىلەرگە يەر ۋە ئەمەل ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقى تەيىنلەش ھوقۇقى دېيىلەتتى. بۇنىڭدا ئازراق نەم توپا، شەمشەر، بايراق ۋە ھوقۇق بەلگىسى قاتارلىقلار سىمۋول قىلىناتتى. ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقلىرىغا يەر مۆھۈرلەپ بېرىش ۋە دىنىي ۋەزىيە بېرىش ھوقى ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى دېيىلەتتى. ئادەتتە بۇنىڭغا ئىككى نەرسە سىمۋول قىلىناتتى، ئۈزۈك بىلەن ھاسا دىنىي ھوقۇقنىڭ سىمۋولى، ھوقۇق بەلگىسى دىندىن سىرت ھوقۇقنىڭ سىمۋولى قىلىناتتى. ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقى ئۇزۇن زامانلارغىچە خان، كورۇللارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ كەلگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ پاپانىڭ تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقتىن، ئېپىسكوپ ۋە موناستىر باشلىقلىرىنى پاپا بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلغاچقا، پاپا بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئېمپېراتورى ئوتتۇرىسىدا توقونۇش كېلىپ چىققان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرى پاپا گرېگورى Ⅶ بىلەن ئىمپېراتور ھېنرىخ Ⅳ ئوتتۇرىسىدىكى ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ھەممىدىن كەسكىن بولغان. 1122 - يىلى گېرمانىيە ئېمپېراتورى ھىنرىخ Ⅴ بىلەن پاپا كالىكىستۇس Ⅱ ئوتتۇرىسىدا <ۋورمس دىنى كېلىشىمى> ئىمزالىنىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ۋاقتىنچە مۇرەسسە بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ خىلدىكى كۈرەشلەر ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرمۇ يۈز بەرگەن.