Uyghur主要词典
ئوخشاش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرقانداق ئەھۋالدا يەنىلا شۇنداق.
يورۇسۇن - يورۇمىسۇن، ئاي، بەرىبىر، ئاي. ھېكىمەت نەدە بولسا بولسۇن، بەرىبىر، ھېكمەت. سالامەت بولساق، نەدە بولساق ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ بىر - بىرىگە ئەينەنلىكى.
گۆھەرنى تاشقا ئۇرغان بىلەن تاش بىلەن گۆھەرنى ئۇرغان ئوخشاش؛ ئاخىر گۆھەر سۇنىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۇ بىلەن سەن ئوپمۇ ئوخشاش. بۇ ئىككىسى ئوپئوخشاش چوڭ بوپتۇ. بۇ قىز بەئەينى ئانىسىنىڭ ئۆزىغۇ! بۇ مەن يىتۈرۈپ قويغان پىچاقنىڭ دەل ئۆزى. بۇ بالا دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ. زىرائەت مايسىلىرى بىر خىل تەكشى ئۆسۈپتۇ. ياخشى ئوغۇل ئەلگە بىردەك يارار. دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە، مىسلى مۇردا كېپەندە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر كىشى ياكى نەرسىنى ئەسلىتىدىغان، شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان.
ئوخشاش شەكىللەر.
باراۋەر، تەڭ، پەرقسىز.
ئۇ گەپلىرىنى مۇشۇ يەردە دەۋەرسىلىمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ؟