Uyghur主要词典
ئوۋلىماق
شىۋىلەر
بەزلىمەك، خوش قىلماق (كۆڭۈلنى). مەسىلەن:
نە قىلاي نىمىنە قىلاي،
يىتىم كۆڭۈلنى ئوۋلىماي.
ئەر بولسام كەتمەسمىدىم،
باش - كۆزۈمنى ئورىماي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ياۋايى ھايۋان، ياۋا قۇش ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مىلتىق، قاپقان، قىلتاق، باسماق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ياكى تەربىيلەنگەن ئىت، بۈركۈت، لاچىن، قارچىغا قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تۇتماق، قولغا چۈشۈرمەك.
كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا چىق (ماقال).
كۆچمە. مايىل قىلماق.
بىزنىڭ كونا كىتابلىرىمىزدا <ئەل كۆڭلىنى ئوۋلىغانلار مەقسەتكە يېتىدۇ، ئەلنى ئاغرىتقانلار ھەسرەت چېكىدۇ> دېگەن گەپ بار.
كۆچمە. ئالدىماق، ئالداپ تۇزاققا چۈشۈرمەك.
ئوۋلىيالمايتتى ئۇنىڭ ھوشيار، غۇبارسىز قەلبىنى، ناز - خۇشامەت، ھىيلە - نەيرەڭ ماھىرى، مەستانىسى.