Uyghur←Chinese主要词典
ئوۋىدىئۇس
دۇنيا تارىخى
奥维德
ào wéi dé
(مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى - مىلادى 17 - يىل)، قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى شائىر. ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پائېلىگنى شەھىرىنىڭ يېنىدىكى كىچىك بازار سۇلمودا، دۆلەتمەن رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا رىم ۋە ئافىنادا ستىلىستىكا ۋە قانۇن ئۆگەنگەن؛ يەنە سىتسىلىيە ئارىلى ۋە يېقىن شەرققە بېرىپ ساياھەت قىلغان. ياش ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ شائىرلىق تالانتىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، رىم جەمئىيىتىنىڭ شاللاق تۇرمۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەسەرلىرى چۈشكۈن، شەھۋانىيلىق ھېسسىياتىنى يۇقتۇرۇۋالغان. <مۇھەببەت ناخشىسى> ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان دەسلەپكى ئەسىرى بولۇپ، 49 كۇپلېت شېئىرنى ئۆز ئىچىگەئالغان، ئۇ شائىرنىڭ تەبىئەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھەمدە كورىننا دېگەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. <مۇھەببەت سەنئىتى> (<مۇھەببەت نومى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، ئۈچ توملۇق)دە ئىشىق - مۇھەببەتنىڭ تېخنىكىسىنى تەسۋىرلىگەن، ھەتتا ياش ئەر - ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇھەببىتىنى قىپيالىڭاچ تەسۋىرلىگە؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىگە بىرمۇنچە كايىش - رىيازەتلەرنى تېپىۋالغان، شۇنداقلا ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇسنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋردە ئەڭ ڭەك تارقالغان ئەسىرى <شەكلى ئۆزگىرىش خاتىرىسى> (<ئاينىش> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان، 15 توملۇق) بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى ئەپسانىلەرنى تېما قىلىپ، ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاجايىپ ئۆزگىرىش (ئادەمنىڭ ھايۋان، ئۆسۈملۈككە ئۆزگىرىشى) لەرگە ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەدىبلەر تەرىپىدىن ماختالغان. ئۇ مىلادى 8 - يىلى قارا دېڭىز بويىدىكى تومى (ھازىرقى رۇمىنىيىنىڭ كونستانتا )ناھىيىسى( غا سۈرگۈن قىلىنىپ، يەتكىچە ئازاب - ئۇقۇبەت چەككەن. ئۇ قايغۇ - ھەسرەتلىك ھېسسيات بىلەن <قايغۇ ناخشىسى> )بەش توملۇق( ۋە <قارا دېڭىزدىن خەت> )تۆت توملۇق( نى يېزىپ، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن ئىمپېراتور ئاۋگۇستۇسنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى تىلىگەن؛ ئەمما ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي ياقا يۇرتتا ئۆلگەن. ئۈچ قېتىم تۇرمۇش قۇرۇپ، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن. ئۇنىڭ يەنە يېزىپ تۈگىتەلمىگەن داستانى <يىللار> )ئالتە توملۇق( دا رىم تارىخىنىڭ بەزى ماتېرىياللىرى ساقلىنىپ قالغان.