Uyghur←Chinese主要词典
ئوۋچىلىق ئىگىلىكى
تارىخ,قانۇنشۇناسلىق
狩猎经济
shòu liè jīng jì
دۇنيا تارىخى
狩猎经济
shòu liè jīng jì
بېلىقچىلىق - ئوۋچىلىق ئىگىلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك ئېھتىياجىدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى قىلغان. يىغىش ئىگىلىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولغان بولۇپ، پۈتكۈل ۋارۋارلىق دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىدىن بىرى. كونا تاش قوراللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگىچە، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي تاپقان. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مايمۇنسىمان ئادەملەر پەقەت كىچىك ھايۋانلارنىلا ئوۋلاپ يۈرگەن، كېيىنكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئۆرە ماڭالايدىغان ئادەم) لەر ۋاقتىدا تاش پالتا، تاش ئۇچلۇق ياغاچ ساپلىق نەيزە ۋە گۈلخان قاتارلىقلار ئارقىلىق خېلى چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلايدىغان بولغان، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەملەر (قەدىمكى ئادەملەر) توزاق، سالغا، تور قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆڭكۈر ئېيىقلىرىنى ئوۋلايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەقىللىق ئادەملەر ( ھازىرقى زامان ئادەملىرى) ئوقيا قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ، چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلاپلا قالماستىن، بەلكى سۆڭەكتىن ياسالغان نەيزە، ئارا ۋە قاماق قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دەريا - كۆل بويلىرىدىن بېلىقلارنى تۇتۇپ، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىنى بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ئىگىلىكىگە تەرەققىي قىلدۇرغان. ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارا - بارا كېڭەيگەن. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، ئوۋچىلىق ئىگىلىكتىن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق پەيدا بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئەسلى ئاساسلىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەركەكلەر چارۋىچىلىقنىڭ (كەينىدىنلا تېرىقچىلىق ئىگىلىكىنىڭ) خوجايىنلىرىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بارا - بارا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ باشقۇرۇش ئورنىغا ئۆتكەن.