Chinese→Uyghur主要词典
攸西比厄斯
دۇنيا تارىخى
ئېئۇسېبىئۇس
(تەخمىنەن مىلادى 260 - 340 - يىللىرى) خرىستىئان دىنىي تارىخشۇناسلىقىغا ئاساس سالغۇچى. تەخمىنەن مىلادى 314 - يىلى پەلەستىننىڭ كائېسارېيە رايونىنىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 325 - يىلى رىم ئىمپېراتورى كونستانتىن چاقىرغان نېسىيە دىنىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ تارىخنى خرىستىئان دىنى تېئولوگىيە (ئىلاھچىلىق) نۇقتىئىنەزەرلىرى بويىچە يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى - <سالنامە>دە: <دۇنيانىڭ يارىلىشى> دىن تارتىپ 324 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. <چېركاۋ تارىخى> دا چېركاۋ قۇرۇلۇپ تاكى 323 - يىلىغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلغان تارىخ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <كونىستانتىننىڭ تەرجىمىھالى> ۋە <پەلەستىننىڭ شېھىتلار تەزكىرىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ، كىشىلەر تەرىپىدىن <چېركاۋ تارىخچىلىرىنىڭ ئاتىسى>دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ <سالنامە> ناملىق ئەسىرى خېلى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، تاكى Ⅷ ئەسىرگىچە بۇنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئاز ئەمەس.