Chinese→Uyghur主要词典
有鳞目
ئۇنىۋېرسال
yǒu lín mù
تەڭگىچە قاسىراقلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ قۇرۇقلۇقتا، كامار - تۆشۈكلەردە، سۇدا ھەم دەرەخلەردە ياشايدىغان تۈركۈمى. بەدەن سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچە پلاستىنكىلىرى تولىراق ياپما كاھىش شەكلىدە تىزىلغان؛ بەزىلىرىنىڭ ھەقىقىي تېرىسىنىڭ ئىچىدىمۇ سۆڭەك پلاستىنكىلىرى بولىدۇ. باش سۆڭىكىدە ئالاھىدىلەشكەن قوش چېكە ئويمىنى بار. چاسا سۆڭىكى ھەرىكەتلەنمەيدۇ. ئومۇرتقا سۆڭىكى كۆپچىلىكنىڭ ئالدى تەرەپتىن ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپتىن ئويمان بولىدۇ. ئۇچىدا ياكى ياندىن ئۆسكەن چىشلىرى بولىدۇ. كلوئاكا تۆشۈكى توغرىسىغا ئېچىلغان؛ ئەركىكىنىڭ چېتىشىش ئورگىنى جۈپ بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان بولۇپ، ئىككى كەنجى ئەترەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كەسلەنچۈكلەر كەنجى ئەترىتى (Lacertilia Sauria)، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى يەر باغىرلىغۇچى ھايۋانلار بولۇپ، كۆپلىرىنىڭ پۇتلىرى، مۈرە بەلبېغى ۋە تۆش سۆڭىكى بار، تۆۋەندىكى ئوڭ - سول جاغلىرى ئالدى تەرەپتىن بىرىككەن، كۆز قاپىقى ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، ئادەتتە ناغرا پەردىسى، ناغرا خالتىسى ھەم قۇلاق يۇتقۇنچاق نەيچىلىرىنىڭ ھەممىسى ساقلانغان، ئۇلار جەمئىي 20 ئائىلە. مەسىلەن، پاتمىچۇق، خامېلىئون، يۈگۈرەك كەسلەنچۈك، ئۆشكىئېمەر قاتارلىقلار؛ يىلانلار كەنجى ئەترىتى (Serpentes, Ophidia) تېنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردەك ئەمەس (1.0 - 11 مېتىر) كامارلاردا ياشايدۇ ياكى يامىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، پۇتلىرى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن، مۈرە بەلباغلىرى ھەم تۆش سۆڭەكلىرى يوق، تۆۋەندىكى ئوڭ - سول جاغلىرى ئالدى ئۇچىدىن ئېلاستىك سىڭىرلار ئارقىلىق ئۆزئارا بىرىككەن. كۆز قاپىقى ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، سىرتقى قۇلاق تۆشۈكى يوقالغان، تىلىنىڭ سوزۇلۇش - قىسقىراشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرقى ئۇچى ئاچىماق كېلىدۇ. ئۇ جەمئىي 13 ئائىلە مەسىلەن، بوغما يىلان، كۆزەينەكلىك يىلان، سېرىق بالداقلىق يىلان، ئاق بالداقلىق يىلان، چار يىلان، ئۇچلۇق تۇمشۇق يىلان ۋە يېشىل يىلان قاتارلىقلار.