Chinese→Uyghur主要词典
有孔虫
ئۇنىۋېرسال
yǒu kǒng chóng
فورامىنىفېرا )بىر ھۈجەيرىلىك، كۆپ تۆشۈكلۈك دېڭىز قۇرتى(؛ تۆشۈكلۈك قۇرتلار
بىئولوگىيە
تۆشۈكلۈك قۇرت
ئاددىي ھايۋانلار تىپىنىڭ يالغان پۇتلۇقلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. بەدىنى پروتوپلازما پارچىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىرتىدىكى ھاك ماددىسى ياكى باشقا ماددىلاردىن شەكىللەنگە قاسىرىقى بىر بۆلۈملۈك ياكى كۆپ بۆلۈملۈك بولىدۇ. قاسىرىقىنىڭ بىر ئۇچىدا چوڭ تۆشۈك، سىرتقى يۈزىدە كۆپىنچە يەنە نۇرغۇنلىغان كىچىك تۆشۈكلەر بولۇپ، بۇ تۆشۈكلەر يالغان پۇتلارنىڭ ئۆسۈپ چىقىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. يالغان پۇتلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ياكى شاخلانغان ھەمدە چىرمىشىپ تورسىمان ھالەتنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. تۆشۈكلۈك قۇرتلار ئەڭ قەدىمكى ھايۋانلاردىن بولۇپ، كۆپچىلىكى دېڭىزدا ياشايدۇ، تاتلىق سۇلاردا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، يۈسۈنلەرنىڭ ئۈستىدە ياكى سۇدا لەيلىمە ھالەتتە ياكى دېڭىز تېگىدە ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قالدۇق قاسىراقلىرى دېڭىز تېگىگە تىنىپ قېلىپ يەر قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. دېمەك، ھازىرقى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تەكتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى تۆشۈكلۈك قۇرتلارنىڭ قاسىراقلىرىنىڭ چۆكمىسىدىن ھاسىل بولغان يۇمشاق لاتقا بىلەن قاپلانغان. تۆشۈكلۈك قۇرتلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىغا ئاساسلىنىپ يەر قاتلىمىنىڭ گېئولوگىك دەۋرلىرىنى بېكىتىپ يەر ئاستى قەۋىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق چۆمە ماكانلارنى قىدىرىش، نېفىت تېپىش، نېفىت قاتلاملىرىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.