Chinese→Uyghur主要词典
幼虫
بىئولوگىيە
لىچىنكا
بەزى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمدىن چىققان بالا (يۇمران) تەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارنىڭ بالا تەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ. لىچىنكىنىڭ يېتىلگەن قۇرت بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرقى بولىدۇ؛ (1) ئادەتتە كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ؛ (2) تۈزۈلۈشى يېتىلگەن قۇرتنىڭكىدەك مۇرەككەپ بولمايدۇ؛ (3) بەزى لىچىنكىلارنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە ياشاش ئادىتى يېتىگەن قۇرتنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ياشاش مۇھىتىغا ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ماسلىشالايدىغان نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىق ئورگانلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ھاشارات لىچىنكىسىنىڭ قورساق پۇتى، يىپەك بېزى ھەم يېتىلگەن قۇرتنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئېغىز ئاپپاراتى قاتارلىقلار بولىدۇ؛ بۇ ئورگانلار يېتىلگەن قۇرت دەۋرىگە كەلگەندەپ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىدۇ. لىچىنكا دەۋرىدە يېتىلگەن قۇرت بولۇپ تەرەققىي قىلىشقا ھازىرلىق قىلىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئوزۇقلىنىشقا ئېھتىياجلىق. ھاشارات لىچىنكىلىرىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىپتىدائىي پۇتلۇقلار، كۆپ پۇتلۇقلار، ئاز پۇتلۇقلار ۋە پۇتسىزلار دېگەنگە ئوخشاش خىللارغا بۆلۈنىدۇ. بىرقانچە قېتىم تۈلەش ۋە ھالەت ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق، قورچاق دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنالايدۇ. مەسىلەن، پىلە قۇرتى (ئۆي پىلە پەرۋانىسىنىڭ لىچىنكىسى)، چىۋىن قۇرتى، (چىۋىن لىچىنكىسى). ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنىڭمۇ لىچىنكىسى بولىدۇ، مەسىلەن يىپسىمان ھايۋانلار تىپىدىكى ئاسكارىدا قاتارلىقلارنىڭ لىچىنكا باسقۇچى بولىدۇ؛ بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى كۆپ تۈكلۈكلەرنىڭ لىچىنكىسى چاقلىق لىچىنكا دېيىلىدۇ؛ مولليۇسكلار تىپىدىكىلەرنىڭ لىچىنكىسى بولسا، ئىلمەك قاپچۇقلۇق (چاقلىق) لىچىنكا ياكى تەخسە لىچىنكا دېيىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
yòu chóng
لىچىنكا
Dئورمانچىلىق
yòu chóng
لېچىنكاDتېببىي
yòu chóng
لىچىنكا (ھاشاراتلار)Dدېھقانچىلىق
yòu chóng
لىچىنكا