Chinese→Uyghur主要词典
友爱会
دىن
yǒu ài huì
基
خىرىستيان دىنى
مېھرىـ شەپقەت جەمئىيىتى، بۇرادەرلىك چېركاۋى
دۇنيا تارىخى
دوستلۇق ئۇيۇشمىسى
ياپونىيىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى. 1912-يىلى قۇرۇلغان. ئۇيۇشما رەئىسى سۇزۇكى يائوسامۇ ئورگان گېزىتى <دوستلۇق يېڭى گېزىتى>، يېڭى قۇرۇلغاندا ئاران 15 نەپەر ئىشچى قاتناشقان بولۇپ، ئىشچىلار ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈسى قويۇق ئىدى. 1918-يىلدا ئۇيۇشمائەزالىرى كۆپىيىپ 30 مىڭ ئادەمگە، ياچېيكىلىرى 120 گە يەتكەن. ئىچكى قىسىمىدىكى سول قانات كۈچلەرنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلارنىڭ ھەمكارلىق فاڭجېنىمۇ ئۆزگەرگەن. 1919-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 7 يىلىقنى تەبرىكلەش يىغىنىدا <بۈيۈك ياپونىيە ئەمگەك باش بىرلەشمىسى دوستلۇق ئۇيۇشمىسى> غا ئۆزگەرتىلگەن. 1921-يىلى يەنە <ياپونىيە ئەمگەك بىرلەشمىسى> گە ئۆزگەرتىلگەن.