Uyghur主要词典
ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى
领域: دۇنيا تارىخى30 ساختا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى پېلوپوننېس ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا ئافىنادا قۇرۇلغان ئولىگارخ ھاكىمىيىتى. ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان سپارتانىڭ باش سەردارى لەيسەندېنىڭ قوللىشى بىلەن، كىرىتىئاس بىلەن تىرامىنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان 30 چوڭ ئاقسۆڭەك ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. زاسىداتېللارغا دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلىدىغان يارەم پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تولۇق ھوقۇقلۇق پۇقرالارنىڭ سانىنى 3000 (ھەممىسى مۈلۈكدارلار) بىلەن چەكلىگەن، تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دېموكراتلارنى ھەدەپ تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە قوغلاپ چىقارغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مال - مۈلۈكلەرنى زورلۇق بىلەن مۇسادىرە قىلغان، ئالۋان - ياساق يىغىۋالغان. تاشقى جەھەتتە سپارتا بىلەن دەرھال سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ھۆكۈمرانلىق سەككىز ئاي داۋام قىلغان، خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن. كېيىن <30 ئادەم> نىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە سپارتا دۆلىتىدە ئىچكى ماجىرا (لەيسەندې قايتۇرۇلغان) تۇغۇلغانلىقتىن، تېبېستا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئافىنالىق دېموكراتىيىچىلەر قوزغىلىڭ ئولىگارخ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. مىلادىدىن 403 يىل ئىلگىرى ئېراسۇبۇلۇس باشچىلىقىدىكى دېموكراتلار ئافىنادا ھوقۇق تۇتقان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。