Uyghur←Chinese主要词典
ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش
دۇنيا تارىخى
三十年战争
sān shí nián zhàn zhēng
1618 - يىلىدىن 1648 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياۋروپا تارىخىدا يۈز بەرگەن گېرمانىيە ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى قىلىنغان، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇرۇش. گېرمانىيىدىكى پروتېستانت دىنىدىكى بەگلىكلەر بىلەن دانىيە، شۋېتسىيە، فرانسىيە بىر تەرەپ بولۇپ، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە روسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن؛ مۇقەددەەس رىم ئىمپېراتورى، گېرمانىيە كاتولىك دىنىدىكى بەگلىكلەر ۋە ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، ئۇلار پاپا ۋە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. پروتېستانت دىنى بىلەن كاتولىك دىنى ئوتتۇرىسىدىكى تالىشىش دېگەن بىر نېمە پەقەت بىر باھانىدىنلا ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتمەكچى بولغان بولسا، پروتېستانت ۋە كاتولىك دىنلىرىدىكى بەگلىكلەر ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتمەكچى بولغان، بىر قانچە چوڭ دۆلەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇز قىلغان. 1618 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پراگادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئامما ئوردىغا بېسىپ كىرىپ، خان جەمەتىدىكى بىر نەچچە ئەمەلدارنى ئوردا دېرىزىسىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەن (تارىختا <دېرىزىدىن تاشلىنىش ۋەقەسى> دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇرۇش شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپ، تۆت باسقۇچقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، چېخوسلوۋاكىيە - پفالز باسقۇچى (1618 - 1624): <دېرىزىدىن تاشلىنىش ۋەقەسى> يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىككىنچى يىلى گېرمانىيە پروتېستانت دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى، پفالز پالاتىناتېنىڭ پادىشاھ سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بېگى فېرېدىرىخ Ⅴ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ كورۇلى بولۇپ سايلانغان. 1620 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فېرناندۇ Ⅱ گېرمانىيە كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگە تايىنىپ چېخوسلوۋاكىيىنى مەغلۇپ قىلغان. پفالز ئىسپانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ئىككىنچى، دانىيە باسقۇچى (1625 - 1629): 1625 - يىلى، دانىيىنىڭ كورۇلى خرىستىئان Ⅳ فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن قوشۇن باشلاپ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيە كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىگ قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، 1629 - يىلى <لوپىك شەرتنامىسى> نى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىشلىرىغا قايتا ئارىلاشماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئۈچىنچى، شۋېتسىيە باسقۇچى (1630 - 1635): 1630 - يىلىنىڭ ياز پەسلى، شۋېتسىيىنىڭ كورۇلى گوستاۋ. ئادولف ئەسكەر چىقىرىپ پومېرانىيىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنلا جەنۇبىي گېرمانىيىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ۋە 1632 - يىلى كاتولىك ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1634 - يىلى، شۋېتسىيە كورۇلىنىڭ قوشۇنى ۋە ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇ قىلىغان. تۆتىنچى، فرانسىيە - شۋېتسىيە باسقۇچى (1635 - 1648): 1635 - يىلى، فرانسىيە كاتولىك دىنى بىرلەشمە ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى يەنىلا گېرمانىيە بولۇپ، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە نېدېرلاندىيىدىمۇ ئۇرۇش بولغان. فرانسىيە ۋە شۋېتسىيە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقتىن، فىرناندو Ⅲ سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، 1648 - يىلى <ۋېستىفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزۈلگەن. 30 يىللىق ئۇرۇش گېرمانىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنشى يەنىمۇ كۈچەيگەن.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
三十年战争
sān shí nián zhàn zhēng