Uyghur←Chinese主要词典
ئوتتو
دۇنيا تارىخى
鄂图一世
è tú yí shì
(912 - 973) يەنى ئىمپېراتور ئوتتو. گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (936 - 973)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (962 - 973). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چېركاۋغا نۇرغۇن زېمىن بەرگەن ھەمدە زېمىن تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى چېركاۋنىڭ باشلىقىغا بەرگەن (<ئوتتو ئىمتىيازى> غا قاراڭ)، چېركاۋنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي فېئودال ئىگىلىرىنى تىزگىنلەپ، كورۇل ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. مىلادى 951 - يىلى، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، لومباردى رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئىتالىيە كورۇلى لوتورنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئادېلايدې بىلەن توي قىلىپ، ئىتالىيە كورۇلى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 955 - يىلى ئاۋگوسبېرگ ئەتراپىدا ماجارلار (ۋېنگرلار) نى مەغلۇپ قىلغان. 961 - يىلى، رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوغلاپ چىقارغان پاپا جون ⅡⅩ نىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى، جون ⅡⅩ رىم سان پېتر چېركاۋىدا ئوتتوغا تاج كىيدۈرۈپ، <رىم ئىمپېراتورى> دەپ ئاتىغان. بۇ مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
奥托
ào tuō
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
奥托〈加、美〉
ào tuō 〈jiā 、měi 〉
دۇنيا تارىخى
鄂图
è tú
تەخمىنەن (1114 - 1158) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ھوقۇقدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى پارىژ داشۆسىگە كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان، 1138 - يىلى فرېسىڭ (گېرمانىيە باۋارىيە شتاتىدا) نىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 1147 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كونراد Ⅱ گە ئەگىشىپ ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈشى (1147 - 1149) گە قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن، كېيىن جىيەنى - ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <يىلنامە تارىخى> (<قوش قەلئە تارىخى> دەپمۇ ئاتالغان) دا <ئىنجىل> دىكى <دۇنيانىڭ يارالمىشى> دىن 1146 - يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئەسىرى <ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئىشلىرى> دا ئىمپېراتور ھېنرى Ⅳ تەختتە تۇرغان مەزگىلدىن 1156 - يىلغىچە (كېيىن ئۇنىڭ كاتىپى 1160 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇغان) بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ بەرگەن.
دۇنيا تارىخى
鄂图三世
è tú sān shì
(980 - 1002). گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (983 - 1002)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (983 - 1002 ؛ 996 - يىلى تاج كىيگەن). ئوتتو Ⅱ نىڭ ئوغلى. كىچىكىدىنلا تەختە ئولتۇرغان. 991 - يىلىغىچە ئانىسى نائىبلىق قىلغان. 983 - يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى چىققان. 996 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، رىم شەھىرىنى مەركەز قىلغان دۇنيا ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش خام خىيالىدا بولۇپ، 996، 998، 1001 - يىللىرى ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان، ئەمما ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بولغان. مەملىكەت ئىچىدە بەگلەرنىڭ كۈچى كۈنسايىن كۈچەيگەن.
دۇنيا تارىخى
鄂图四世
è tú sì shì
(تەخمىنەن 1174 - 1218) گېرمانىيە كورۇلى (1198 - 1215)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1209 - 1215). ۋېلف جەمەتىدىن. 1197 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ ئۆلۈپ، ئۇكىسى فىلىپ تەختكە چىققان. ۋېلف جەمەتى ئوتتونى ئۇنىڭ بىلەن تەختنى تالىشىشقا سالغان ھەمدە رىم پاپاسى ئىننوتسېنتۇس Ⅲ نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1208 - يىلى فىلىپ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى يىلى ئوتتو ئىمپېراتورلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1210 - يىلى ئۇ پاپاغا بېقىنىدىغان سىتسىلىيە كورۇللۇقىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىننوسېنتۇس Ⅲ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1212 - يىلى ئىننوسېنتۇس Ⅲ ھېنرى Ⅳ نىڭ ئوغلى فرېدرىخ Ⅱ نى ئىمپېراتور دەپ ئېلان قىلغان. كېيىن ئوتتو يەنە ئەنگلىيە كورۇلى جون (يەرسىز كورۇل) نىڭ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ گە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، 1214 - يىلى 7 - ئايدا بۇۋېن جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىنكى يىلى تەختتىن چۈشكەن.
دۇنيا تارىخى
鄂图二世
è tú èr shì
(955 - 983)، گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (973 - 983). ئوتتو Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخمىنەن مىلادى 977 - يىلى باۋارىيە كىنەزى ھېنرىنى بويسۇندۇرۇپ پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن. 978 - يىلى لورېنغا بېسىپ كىرگەن فرانسىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقارغان. 981 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە تەۋە جەنۇبىي ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. كېيىنكى يىلى كالابرىيە رايوندىكى بىر قېتىملىق جەڭدە، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەرەبلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 983 - يىلى پولابىئان سلاۋىيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ليوگىچلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، گېرمان فېئوداللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بىر مەزگىل قۇتۇلغان.