Uyghur←Chinese主要词典
ئوستېند خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
奥斯坦德宣言
ào sī tǎn dé xuān yán
1854 - يىلى 10 - ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇخانان، فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماسون ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇلې ئۈچەيلەن بېلگىيىنىڭ ئوستېند دېگەن جايىدا يېزىپ چىققان خىتابنامە. سۇلې بۇ خىتابنامىنى يېزىشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مارسىينىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن ئىسپانىيىدىن كۇبانى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇڭا خىتابنامىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيىدىن كۇبانى سېتىۋالغانلىقى، ئەگەر رەت قىلىنسا قوراللىق كۈچ ئارقىلىق تارتىۋالىدىغانلىقى جار سېلىنغان. ئىسپانىيىنىڭ رەت قىلىشى، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، ئامېرىكا بۇ خىتابنامىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبور بولغان.