Uyghur主要词典
ئوسىرىس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىرنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلاھى، سۇ ئىلاھى شۇنداقلا پانىي دۇنيادىكى پادىشاھ ۋە سودىيە. ئوسىرسقا چوقۇنۇش قەدىمكى مىسىرلىقلاردا تارقالغان ئۆسۈملۈكلەر يىلدا قۇرۇپ كۆكلەيدۇ، ئىنسانلار ئۆلسە قايتىدىن تۇغۇلىدۇ، دېگەن كۆز قاراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىسىر ئەپسانلىرىدە ئېيتىلىشچە، ئوسىرىس يەر ئىلاھى گېب بىلەن ئاسمان ئىلاھى نۇتنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەسلىدە يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى ئىكەن؛ كىشىلەرگە تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئۇكىسى سېت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئىسىس مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى چېكىپ جەسەتنى تاپىدىكەن، ئوغلى ھورۇس دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئالىدىكەن. ئۇ قايتىدىن تىرىلىپ، ئاخىرەتتىكى پادىشاھقا ئايلىنىدىكەن ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى سوراققا تارتىدىكەن (ھورۇس بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھى ئىكەن). بۇ ئەپسانە مىسىر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ھەمدە كېيىنكى ئەپسا ھەققىدىكى ئەپسانىلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.