Uyghur←Chinese主要词典
ئوسكار
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
奥斯卡〈挪、圭〉
ào sī kǎ 〈nuó 、guī 〉
دۇنيا تارىخى
奥斯卡一世
ào sī kǎ yí shì
(1799 - 1859)، شۋېتسىيە - نورۋېگىيە كورۇلى (1844 - 1859)، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. ياش ۋاقتىدا لىبېرالىزم خاھىشىدا بولغان. تەختكە چىققاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، نەشرىيات ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئەر - ئاياللارنىڭ تەڭ - باراۋەر مىراسخورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش قانۇنىنى ئېلان قىلغان. ئەمما 1848 - يىلى ستوكھولىمدا ئاممىنىڭ مارت نامايىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا كونسېرۋاتىپلىققا ئۆزگەرگەن. سىرتقا قارىتا سكاندىنوۋىيىچىلىقنى يولغا قويۇپ، 1848 - 1849 - يىللاردا دانىيىنى قوللاپ پرۇسسىيىگە قارشى تۇرغان ھەمدە شىمالىي ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقىرالمىغان.