Uyghur←Chinese主要词典
ئورتاق قانۇن
دۇنيا تارىخى
共同法
gòng tóng fǎ
ئومۇمىي قانۇن دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەنگلىيىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنلىرىنىڭ بىر خىلى، ⅡⅩ ئەسىردىن ⅤⅩ ئەسىرگىچە ئەۋج ئالغان. ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅰ (1068 - 1135) تەختتىكى مەزگىلدە (1100 - 1135)، خانلىق سوت دائىم سەييارە سوتچىلارنى ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئەنزىلەرنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلغۇزغان ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر (زاسىداتېل) نى زاسېداتېللىق قىلدۇرغان، كېيىن يىغىلغان دېلو تىپلىرىنى رەتلەپ، ئورتاق قانۇننى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ بارا - بارا جايلارنىڭ ئادەت قانۇنىنى چەتكە قېقىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە رىئايە قىلىدىغان قانۇنغا ئايلانغان، نەتىجىدە، ئەدلىيە تۈزۈمى جەھەتتە يەرلىك فېئوداللارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلىتىپ، مونارخىيىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن.