Uyghur←Chinese主要词典
ئورېستېس
دىنى سۆزلۈكلەر
俄瑞斯忒斯
é ruì sī tè sī
دۇنيا تارىخى
俄瑞斯忒斯
é ruì sī tè sī
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى. مېكىناي پادىشاھى ئاگامېمنون يۇناننىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ تروياغا يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە ئۇنىڭ خوتۇنى (ئورېستېسنىڭ ئانىسى) كليتا ئېنمېسترا ئاگىستۇس بىلەن ئاشىنا ئوينىغان. نەتىجىدە ئاگىستۇس ئاگامېمنوننىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تارتىۋالغان؛ ئاگامېمنون دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار تەرىپىدىن سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئورېستوس ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن كلېتامنېسترا بىلەن ئاگىستۇسنى ئۆلتۈرگەن. ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى سەۋەبىدىن قىساس مەبۇدىسى ئېرىنسىنىڭ قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشىغا ئۇچراپ، ئاخىردا ساراڭ بولۇپ قالغان. كېيىن دىرپودىكى خۇدا ئاپوللون مۇشۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۇنى ئافىناغا بېرىپ مەبۇدە ئافىنانىڭ ھامىيلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەۋەتكەن. ئارسوپاگوس سوراقخانىسىدىكى سوتتا ئورېستېسنى گۇناھكار دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەر بىلەن بىگۇناھ دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ سانى تەڭ چىقىپ قالغان. ئاخىرى باش سوتچى ئافىنا ھەل قىلغۇچ بىر ئاۋاز بېرىپ، ئورېستېسنى بىگۇناھ دەپ جاكارلىغان. مەزكۇر رىۋايەتتە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ پاترىئارخاللىق تۈزۈمى ماترىئارخاللىق تۈزۈمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەدىمكى يۇنان تراگېدىيىچىسى ئاسكولوس ئورېستېس ھەققىدە ترېلوگىيە يازغان.