Uyghur←Chinese主要词典
ئورىيانى
دۇنيا تارىخى
奥里昂尼
ào lǐ áng ní
(1852 - 1909) ئىتالىيىلىك تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى. ئۇ دۆلەتنىڭ ھەممىدىن يۇقرى تۇرىدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلىپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا قۇترىتىپ، ئىتالىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئافرىقىدا مۇستەملىكە ئىمپېرىيە قۇرۇشقا ئىنتىلىش تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ تارىخىي ئەسىرى <ئىتالىيىدىكى سىياسىي كۈرەش> ۋە <غايىدىن يۈز ئۆرۈش> مىللەتچىلىك ۋە سوتسىيالىزمغا قارشى ئىدىيە بىلەن تولغان بولۇپ، <قۇدرەتلىك دۆلەت> ۋە <زومىگەرلىك> نى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىتالىيىنىڭ دۇنيادا <ئۇلۇغ دۆلەت> كە ئايلىنىشىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈشنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئىتالىيە فاشىزمغا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. 1923 - 1933 - يىللاردا پلونيادا موسسولىنى تەھرىرلىگەن <ئورىيانى ئەسەرلىرى> نىڭ 30 تومى تارقىتىلغان.