ئورگانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تىللىق چالغۇ ئەسۋابى. شەكلى ئۇزۇن تۆت چاسا ساندۇققا ئوخشايدۇ، ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىللىرى بار، ئۈستى تەرىپىگە بېسىش كۇنۇپكىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شۇ كۇنۇپكىلار بېسىلسا تىللار ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئاياغ تەرەپتە تەپكۈچ بولۇپ، ئاياغ بىلەن تېپىلگەندە شامال ساندۇقىدا يەل پەيدا بولۇپ مىس تىللارنى تەۋرىتىپ ئاۋاز پەيدا قىلىدۇ.