Uyghur←Chinese主要词典
ئورفېلىن
دۇنيا تارىخى
奥尔费林
ào ěr fèi lín
(1726 - 1785)، ئەسلىي ئىسمى ستېفانوۋىچ، سېربىيىلىك تارىخشۇناس، يازغۇچى ۋە شائىر. 1768 - يىلى تۇنجى سېربىيە ژۇرنىلى <سلاۋىيان سېربىيىسىنىڭ خەزىنىسى> نى تارقىتىپ، سلاۋىيان خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلق تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. 1772 - يىلى يۇگوسلاۋىيىنىڭ پېتېر Ⅰ ھەققىدىكى تۇنجى تارىخ ئوقۇشلۇقىنى نەشر قىلغان. ئۇ پولوكانوۋىچ، پاروچكى، فىئوفالا پولوكانوۋىچ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىگ ئۇچرىغانلىقتىن، ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە دىنىي ھوقۇچىلىققا قارشى مەزمونلار بولغان. تارىخىي تېمىدىكى شېئىرلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئىنتىلىش بىلەن تولغان.