Uyghur主要词典
ئورا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۆكتات ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ساقلاش ئۈچۈن ياكى بىرەر نەرسىنى كۆمۈش ئۈچۈن قېزىلغان، ئويۇلغان ئورەك.
كۆكتات ئورىسى. * ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشىدۇ(ماقال). * خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئوردىسى (ماقال). * پاقا سەكرەپ - سەكرەپ ئورىغا چۈشەر (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئورىماق، ئوراش. ئەتراپنى بېكتىمەك، قورشىماق، چولغىماق، تۈگمەك
تاماكا ئورىماق. * پايتىما ئورىماق. * بالىنى ئورىماق. *دۈشمەننى ئورىماق.* كىتابنى ئورىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەسكەي (قۇمۇل شېۋىسى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توپىسى ئويۇقلۇق ياكى قېزىۋېتىلگەن يەر.
<خەندەك> سېپىل سوققاندا توپا ئېلىشتىن ھاسىل بولغان چوڭقۇرلۇق.
<گوداڭ> قۇشخانىدا مالنىڭ ئىچ - قارنىنى تۆكۈشكە قېزىلغان يەر.
<ئويمان> ئويۇلۇپ كەتكەن چوڭقۇرلۇق.
ئورىغا ئورا كولىغان چۈشەر. يولۇڭدا ئازگالنى كۆرسەتكەن ئىنسان، نەزىمدە ھەقىقىي دوستۇڭ بىگۇمان. خەندەك قېزىپ، خەندەكتە قالغانلار بار. قارىغۇنىڭ كەينىگە كىرسەڭ، گوداڭغا يىقىلىسەن. ئۆرەككە يىقىلساڭ، پۇتۇڭغا قارا. توپ تۈزگە يىقىلار، يالغۇز ئويمانغا. بىلمىگەن يەرنىڭ ئوچ - چوڭقۇرى تولا.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تەسكەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسىنى كۆمۈش ئۈچۈن يەردىن كولانغان چوڭقۇرلۇق، ئازگال.
ئورا كولىماق.
كۆچمە. ھالاكەت، بالا - قازا، خەۋپ - خەتەر.
- سەن مېنى ئورىغا ئىتتىرىۋاتىسەن! - دېدى ئۇ غەزەپتىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.