Uyghur主要词典
ئوقۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېزىلغان نەرسە ياكى يازما تېكىستلارنى قەغەز يۈزىدىكى ھەرپلەر ئاساسىدا ئەينەن ئېيتىپ بەرمەك.
ئۇ بۇ گېزىتنى ئەتىگەندىن بېرى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققانىدى.
ئوقۇش - يېزىشنى ئۆگەنمەك، ساۋاتلىق بولماق؛ ئوقۇش يۇرتى، مەكتەپ قاتارلىقلاردا بىلىم ئالماق، ئىلىم تەھسىل قىلماق، ئۆگەنمەك.
ئوقۇماي موللا بولغان، چوقۇماي قاغا بولغان (ماقال).
بىرەر تېكسىت ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يادقا ئېيتىپ، تىڭشىغۇچىلارغا ئاڭلاتماق.
سۇيۇمقان بىر چىنە بوزا كۆرۈرۈپ كېلىپ، ئاۋۋال قوشاق ئوقۇدى.
ئېلان قىلماق، جاكارلىماق، ھۆكۈم قىلماق، ئېيتماق.
مەتكېرەم سۆزگە چىقىدىغانلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى.
مۇناسىۋەتلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى بەجا كەلتۈرمەك، ئۆتىمەك، تۈگەتمەك.
ناماز ئوقۇماق.
يېڭى توي قىلىدىغان قىز - يىگىتنىڭ بىر - بىرىگە مەڭگۈلۈك ھالال جۈپ بولۇشقانلىقىنى خاس قائىدىلەر ئاساسىدا دەلىللىمەك، ئېلان قىلماق، جاكارلىماق.
- غەم يېمە ئاكا، - دېدى تۆمۈر خەلپە، - نىكاھنى ئۆزۈم وقۇيمەن. قالغان ئىشلارمۇ ئۆز يولىدا بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ!
ئىزھار قىلماق، بىلدۈرمەك، دېمەك، ئېيتماق.
كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى.