Uyghur主要词典
ئوپقان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تويمايدىغان، نەپسىنى يىغمايدىغان.
«شۈمشۈك» ، «ئاشۇرىغى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس. ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويماس. بىرى ئاچپاقىلىقتىن ئۆلىدۇ، بىرى ئاچتىن ئۆلىدۇ. تويماسنى تويدۇرالمىدىم، بولماسنى بولدۇرالمىدىم. باي تولا يېسە خوردان دەر، نامرات تولا يېسە ئوپقان دەر. نەپسى يامان ھېيتتا ئۆلەر. نەپسى يامان ھەممىدىن قۇرۇق قالار. نەپسى بالا ئاغزى كۆيمىسە، كۆمۈر چوغىنى يەۋېتىشتىن يانمايدۇ. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر. ئاچ بەچچىغەردىن قاچ بەچچىغەر. ئاچنىڭ ئاچچىقى يامان. ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيىماس.
شىۋىلەر
يويماس. مەسىلەن: باي تولا يىسە خوردان دەر، نامرات تولا يىسە ئوپقان دەر (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يەپ تويمايدىغان، ئالدىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدىغان؛ ئاچ كۆز.
ئوپقان ئادەم.
مەن ساڭا ئوچۇقىنى ئېيتسام، بۇ يەر ھازىر ئادەم يۇتىدىغان ئوپقانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.