Uyghur←Chinese主要词典
ئوپپېنھېلمېر
دۇنيا تارىخى
奥本海默
ào běn hǎi mò
(1904 - 1967)، ئامېرىكىلىق ئاتوم فىزىكىسى ئالىمى. 1927 - يىلى خارۋارد داشۆسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1929 - 1947 - يىللاردا كالىفورنىيە داشۆسى ۋە كالىفورنىيە سانائەت شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئاتوم فىزىكىسىنى تەتقىق قىلغان. 1942 - 1945 - يىللاردا يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى لوس ئاراموس ئاتوم ئېنېرگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناپ ياساشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1946 - 1952 - يىللاردا ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيىسى كومىتېتى باش مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1949 - يىلى تېخنىكا ۋە مەنىۋى سەۋەب تۈپەيلىدىن، ۋودوروت بومبىسىنى ياساشقا كۈچلۈك قارشى تۇرغان. 1953 - يىلى ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئائىت مەخپىي ماتېرىياللارغا يېقىنلىشىشى مەنئى قىلىنغان. <ئىلىم - پەن ۋە ئورتاق چۈشىنىش> دېگەن ئەسىرى بار.