Uyghur←Chinese主要词典
ئون ئىككى ساھابە
دۇنيا تارىخى
十二使徒
shí èr shǐ tú
يەنى رىۋايەتتىكى قىددىس ئەيسانىڭ 12 شاگىرتى. خرىستىئان دىنىنىڭ ئىنجىلدىكى <گوسپېل> دە خاتىرىلىنىشىچە، ئەيسا دىن تارقاتقان مەزگىلدە 12 شاگىرتنى يەنى، پېتروس، سىسپىتىيانىڭ ئوغلى ياقۇب، ئىئوئاننېس، ئاندرېئاس، فېلىپوس، بارتولومايوس، توماس، ماتتېۋ، ئالپائېئۇسنىڭ ئوغلى ياقۇب، تاددۇس، ياقۇبنىڭ ئوغلى ئىئوداس، زېئالوتسىلارلاردىن سىمون، يەن ئىسكارىئوتلېس، يۇداس بار ئىدى. يەنە <تەۋرات. ساھابىلەرنىڭ دىن تارقىتىش تەرجىمىھالى> دا دېيىلىشىچە، ئىسكارىئوت يۇداس ئەيساغا خائىنلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن، شاگىرتلار يەنە ماتتىياسنى تولۇقلاپ سايلىغان