Uyghur主要词典
ئونۇ لىموكو
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئوشىكو سۇلالىسىنىڭ سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. سۈي سۇلالىسىدە سۇيىنگاۋ دەپ ئاتالغان. مىلادى 607 - يىلى (تېننو ئوشىكونىڭ 15 - يىلى، سۈي سۇلالىسى دايې 17 - يىلى) دۆلەت خېتىنى ئېلىپ سۈي سۇلالىسىگە تۇنجى قېتىم بارغان. ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدا سۈي سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى پى شېجىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەتىنىگە قايتقان. شۇ يىلى 9 - ئايدا يەنە ئەلچى بولۇش سۈپىتىدە چەتكە بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلاردىن سەككىز كىشى بىلەن بىللە سۈي سۇلالىسىگە يەنە بىر قېتىم بارغان. 609 - يىلى ياپونىيىگە قايتىپ كەتكەن.