Uyghur主要词典
ئون سەككىز كىشىلىك كومىتېت
领域: دۇنيا تارىخىنېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە، نېدېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى فلاندېرس بىلەن برابانت ئۆلكىلىرىدىكى بەزى شەھەرلەردە 1577 - يىلى قۇرۇلغان شەھەرلىك ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. بۇنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا قول سانائەتچى، سودىگەر، قول سانائەت ئۇستىخانىسىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە كالۋىنچى بۇرژۇئازلار بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: شەھر مۇداپىئەسىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ قوغدىنىش قوراللىق كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش؛ چېركاۋنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ۋە بايلاردىن باج ئېلىپ، ھەربىي ئېھتىياج ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، ۋەھاكازالار. بريۇسسېل 18 كىشىلىك كومىتېتى نېدېرلاندىيە ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي خەلقنى قوراللاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورگانلىرىدىك ئەكسىيەتچىلەرنى ۋە ئىسپانىيە غالچىلىرىنى تازىلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 1585 - يىلى، ئىسپانىيە دائىرىلىرى فلاندېرس ۋە برابانتنى قايتىدىن كونترول قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى 18 كىشىلىك كومىتېت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。