Uyghur主要词典
ئونويا سۇمارو قەبرىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ نارا دەۋردىكى قەدىمكى قەبرە. نارا شەھىرى تاۋاراماچىدىكى كونوسى تۆپىلىكىگە جايلاشقان. 1979 - يىلى 1 - ئايدا قېزىلغان. قەبرە ئىگىسى ئونويا سۇمارو، بۇ قەبرە ھازىرغىچە ياخشى ساقلىنىپ كەلگەن. ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخى كىتابى <قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى> نىڭ يازغۇچىسى. مىلادى 723 - يىلى ئۆلگەن. ئۇ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دەپنە قىلىنغان. بۇ قەبرىدىن تۆت دانە مەرۋايىت، ئىككى پارچە تۆمۈر قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە بىر پارچە مىس تاختىلىق قەبرە تەزكىرىسى قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 29 سانتىمېتر، كەڭلىكى 6 سانتىمېتر، قېلىنلىقى بىر مىللىمېتر بولۇپ، قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۆلگەن ۋاقتى جەمئىي 41 خەنزۇچە خەت ئويۇلغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دەپنە ئادەتلىرى تەتقىقاتىنى ئېنىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى ياپونىيىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىي تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.