Uyghur←Chinese主要词典
ئونىنچى ئاۋغۇست قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
八月十日起义
bā yuè shí rì qǐ yì
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە پارىژ خەلقىنىڭ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش قوزغىلىڭى. 1792 - يىلى يازدا، كورۇل لۇئى ⅥⅩ نىڭ چەتكە قېچىشى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ۋە چەت ئەل دۈشمانلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش سۈيىقەستى ئاشكارىلانغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ كورۇلنىڭ خائىنلىق قىلمىشىنى قانات ئاستىغا ئېلىشى ۋە پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ ئىنقىلابقا ئارىلىشىۋالىدىغان <برونروك خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كەيپىياتى مىسىلىسىز ئەۋج ئالغان. 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كېچىدە، ياكوبىنچىلار قوزغىلىڭىنىڭ يېڭى رەھبىرىي ئورگىنى - پارىژ كوممۇنىسىنى قۇرغان. 10 - كۈنى سەھەردە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار قوشۇنى ۋە پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى ئىشچىلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۇئىلېرى سارىيىنى ئىشغال قىلغان، كورۇل بىلەن خان جەمەتىدىكىلەر قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا قېچىپ بېرىپ ئۇلاردىن پاناھلىق تىلىگەن،بىراق شۇ ھامان قولغا ئېلىنغان. قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، 1791 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توختىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مىللىي كېڭەش يىغىنىنى چاقىرىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى بىكار قىلىنىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، فرانسىيىنىڭ تۇنجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە گروندېچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى باشلانغان.