Chinese→Uyghur主要词典
永久同盟
دۇنيا تارىخى
مەڭگۈلۈك ئىتتىپاق
شۋېتسارىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشكىلىي شەكلى. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن ياۋروپانىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى ئوتتۇرىسىدكى سودا - سېتىق ئىشلىرى راۋاجلانغانلىقتىن، سودا يولىغا جايلاشقان شۋېتسارىيىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرى كۈنسېرى روناق تاپقان. ھابسبۇرگ جەمەتىنىڭ ئېرىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، 1291-يىلى شىۋىز، ئۇرى ۋە نىدۋالدېن شتاتلىرى ئىتتىپاق تۈزۈپ، <مەڭگۈلۈك ئىتتىپاق> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا شتاتلارمۇ ئارقا ئارقىدىن بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلۇپ، شۋېتسارىيە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان.