Uyghur←Chinese主要词典
ئوندىن بىرنى ئۆلتۈرۈش قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخى十一抽条律
shí yī chōu tiáo lǜ
قەدىمكى رىم ئارمىيىسىدە يولغا قويۇلغان بىر خىل جازالاش تۈزۈمى. بۇنىڭدا ئەسكەرلەرنىڭ جەڭدىن قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. يەنى جەڭ مەيدانىد مەغلۇپ بولغان ئەسكەرلەر قومانداننىڭ بۇيرۇقى بىلەن تىزىلىپ تۇرغاندا، ھەربىر ئونىنچى ساندىكى (ئونىنچى، يىگىرمىنچى، ئوتتۇزىنچى....) بولۇپ سانالغانلار تارتىپ چىقىلىپ، كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆلتۈرۈلەتتى. بۇنداق ۋەھشىيانە ھەربىي قانۇن ئاساسەن رىم تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كېلىپ چىققان، ئادەتتە ھەربىي ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي پەيتتە ئىجرا قىلنغان، مەسىلەن: سپارتاك قوزغىلىڭىنىڭ (مىلادىدىن 73 - 71 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا) ئاخىرقى مەزگىلدە، رىم ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان كراسسۇس ئوندىن بىرنى تارتىپ چىقىرىپ ئۆلتۈرۈشتەك رەھىمسىز جازانى قوللانغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ جەمئىي 4000 دەك ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق <ئۆزىنىڭ دۈشمەندىنمۇ دەھشەتلىك> ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىكەن (ئاپپىئانۇسنىڭ سۆزى)
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。