Uyghur主要词典
ئولپان يىغىش ساياھىتى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رۇسلارنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئەۋلاد كىنەزلىكلىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە جايدا قورال كۈچى بىلەن ئولپان يىغىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، كىيېۋ - رۇستا فېئوداللىق مۇناسىۋەت تېخى تەرەققىي تاپمىغان، چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكى ئەمدىلا مەيدانغا كېلىۋاتقانىدى. كىنەزلەر ئاساسەن قەرەللىك ئولپان يىغىش يولى بىلەن خەلقنى ئېكسىپلاتاتسىيە قىلاتتى، ھەر يىلى كۈزنىڭ ئاخىر، قىشنىڭ باشلىرىدا، كىنەز ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئەسكەرلەرنى باشلاپ شەھەردىن چىقىپ، ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ <ئولپان يىغىپ>، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يەرلەرنى ئايلىنىپ چىقىپ، بويسۇندۇرۇلغان ھەر مىللەت خەلقىدىن ئولپان، جۈملىدىن تېرە - تەسەك، ھەسەل، سېرىق موم قاتارلىق نەرسىلەرنى يىغاتتى، ئۇنىڭغا قارشلىقى قىلغان ئاھالىنى قۇل دەپ ھېسابلايتتى. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ئولپان ۋە قۇللارنى كېمە بىلەن كونىستانتىنوپولغا ئاپىرىپ ساتاتتى. يۇقىرى بېسىم ۋاسىتىسى بىلەن ئولپان يىغىش خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايتتى. كىنەز ئىگور ساياھەت قىلغان چاغدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن درېۋالىئانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئولگا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن قورقۇپ، ئولپان يىغىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبور بولغانىدى. كېيىن فېئودللىق تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرىشگە ئەگىشىپ، بۇنىڭ ئورنىنى پەيدىنپەي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسى ۋە باج ئالغانىدى.