Uyghur←Chinese主要词典
ئولورگېسايلې
دۇنيا تارىخى
奥洛戈赛利叶
ào luò gē sài lì yè
ئافرىقا ئاچېئۇل مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى. شەرقىي ئافرىقىدىكى كىنىيىنىڭ پايتەختى نايروبىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 65 كىلومېتىر يىراقلىققا، شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىقىنىڭ ئىچىدىكى ئولورگېسايىلېغا جايلاشقان. يېڭىلىنىش ئەسىرى دەۋرىدىكى بىر كۆلىنىڭ يېنىدىكى، كۆل سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، دۆۋىلىنىپ گىرەلىشىپ كەتكەن يەر بېتىدىن پالتا، نېپىز بىسلىق كېسىش ئەسۋابى ۋە ئۇرۇپ ئىشلەنگەن تاش ساقا قاتارلىقلاردىن نەچچە ئون مىڭ تال تېپىلغان، تاش قوراللارنىڭ شەكلى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قېزىپ چىقىرىلغان تاشقا ئايلانغان ھايۋان سۆڭەكلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ دەۋرى تەخمىنەن 400 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئودوۋى تۆتىنچى قەۋىتىگە توغرا كېلىدۇ ياكى سەل كېيىنرەك بولۇشى مۇمكىن. خارابىدە قېزىپ چىقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال تولۇق ساقلانغان بولۇپ، ھازىر خارابە باغچىسى قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن.