Uyghur主要词典
ئولگا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 890 - 969) كېيۋ رۇس ھۆكۈمرانى (945 - 965 ياكى 969). ئىگورنىڭ ئايالى. مىلادى 945 - يىلى ئىگور ئۆلگەندىن كېيىن، ئوغلى سۋياتوسلاۋ ئىگوروۋىچقا ۋەكالىتەن ھوقۇق تۇتقان. دېلىۋلىئانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي شەھىرى ئىسكوروستاننى ئالغان ۋە كۆيدۈرۋەتكەن ھەمدە بىر قىسىم ئاھالىسىنى قۇل قىلىپ، يەنە بىر قىسىم ئاھالىدىن ئېلىنغان باجنى ئېغىرلاشتۇرغان. كېيىن ئىپتىدائىي سەييارە باج ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دائىمىي ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، باجنى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات ئارقىلىق يىغىۋېلىشنى يولغا قويغان. 955 (يەنە بىر ئېيتىلىشچە 957) يىلى ۋېزانتىيىنىڭ كونستانتىنوپول شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنغان ھەمدە خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.