Uyghur←Chinese主要词典
ئولېگ
دۇنيا تارىخى
奥列格
ào liè gé
(؟ - 912) كيېۋ رۇس كىنەزى. قەدىمكى ھۆججەتلەردە يېرىم ئەپسانىۋى شەخس قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ريورىكنىڭ تۇغقىنى. ريورىك ئۆلگەندىن كېيىن، مىلادى 879 - يىلدىن باشلاپ نوۋوگوردنىڭ كىنەزى بولغان. كېيىن دېنىپىر دەرياسىن بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، سىمولنىسكىدىكى كرۋىچلارنى بويسۇندۇرغان، تەخمىنەن 882 - يىلى كيېۋنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانى ئاسكولد ۋە لادمىچلارنى بويسۇندۇرغان ھەمدە ئۇلاردىن قەرەللىك ھالدا ئولپان ئېلىپ تۇرغان. ئۇ سىياسىي مەركەزنى نوۋوگوردتىن كيېۋغا كۆچۈرۈپ، دېنىپىر دەرياسى بىلەن ئىلمېن كۆلىنىڭ ئارىلىقىدىكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، كيېۋ روسىيىسىنىڭ كىنەزىگە ئايلانغان ھەمدە روسىيە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 907 - يىلى دېڭىز ئارقىلىق كونستانتىنوپولغا يۈرۈش قىلىپ، غەلىبە قازانغان. 911 - يىل سۈلھ تىلىگەن ۋېزانتىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، روسىيىنى كونستانتىنوپولدا ئەركىن سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان ھەمدە روسىيە بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورناتقان.