Uyghur←Chinese主要词典
ئوكسىدازىلار ۋە رېدۇكتازىلار
领域: بىئولوگىيە氧化还原酶类
yǎnghuàhuányuánméilèi
ECI ھىدروگېن ئاتومى ۋە ئېلېكترونلارنىڭ يۆتكىلىشىگە كاتالىزلىق قىلىدىغان ئېنزىم. ھۈجەيرىنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ھاسىل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئېنزىملار يەنە ئوكسىدلىنىش فوسفاتلىشىش جەريانىغا قاتنىشىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قاتنىشىدىغان ئېنزىملارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تەركىبىدە فلاۋىنلىق نۇكلىئوتىدلار (FAD, EMN) نېكوتىن ئامىدلىق نۇكلېئوتىدلار (NADP + NAD +)، گېماتىن ۋ مېتال ئىئونلىرى (Mo، Cu، Fe قاتارلىق) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەمچى رادىكالى ياكى كوئېنزىمى بولىدۇ. ئوكسىدازىلارنىڭ بەزىلىرى ئاساسىي ماددىنىڭ ئوكسىگېن بىلەن بىۋاستە بىرىكىشىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئوكسىگېن ئېلېكتروننىڭ بىۋاستە قوبۇل قىلغۇچىسى بولىدۇ. ئوكسىدازا رېدۇكتازىلار دېگىدروگېنازىلار (<دېگىدوروگېنازىلار> غا قاراڭ)، ئوكسىدازىلار (<ئوكسىدازىلار> غا قاراڭ)، ئوكسىگېن قوشقۇچى ئېنزىملار، پېروكسىدازىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوكسىگېن قوشقۇچى ئېنزىم ئوكسىگېن مولېكۇلىسىدىكى بىر ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ ئورگانىك بىرىكمىگە بىۋاستە قوشۇلۇشىغا كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. يەنە بىرى ئوكسىدسىزلىنىپ H2O غا ئايلىنىدۇ. بۇ رېئاكسىيىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدىغان ئېنزىم بىر ئوكسىگېننى بىرىكتۈرگۈچى ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى ئوكسىگېن ئاتومىنى پۈتۈنلەي بىرىكتۈرىدىغىنى ئىككى ئوكسىگېننى بىرىكتۈرگۈچى ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، گىدروكسىلازا، ياغ ئوكسىدازىسى پېروكسىدازا H2O2 ئوكسىدلىغۇچى بولغان ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىىلىرىگە كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ، بۇ تۈردىكى ئېنزىملار ئاساسەن گېماتىننى ياردەمچى رادىكال قىلىدۇ، مەسىلەن، گىدروپېروكسىد، پېروكسىدازىلار.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。