Uyghur←Chinese主要词典
ئويو پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
奥约王国
ào yuē wáng guó
نىگېرىيىدىكى يورۇبا قەبىلىسى قۇرغان پادىشاھلىق، پايتەختى ئويونىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئەسلىدە يورۇبا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نىگېرىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇ ئېبىنىن قولتۇقى بىلەن ئورمانلىق رايون ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، كۈچلۈك ئاتلىق ئەسكەر قوشۇنى بار ئىدى. ⅧⅩ ئەسىردە يورۇبا دۆلەتلىرىنىڭ ھاكىم بېگىگە ئايلانغان. 1726 - 1747 - يىللاردا داھومىي پادىشاھلىقى بىلەن ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغان. 1817 - 1818 - يىللاردا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن. 20 - يىللاردا فۇربىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئويو شەھىرى ۋەيران قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1893 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان