Uyghur主要词典
ئويكۆل ئۇچرىشىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئاقسۇ ئۇچرىشىشى> مۇ دېيىلىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ شەيخ جامالىددىنغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان 1347 - يىلى ئالمىلىقتىن ئىسسىقكۆل ئارقىلىق ئاقسۇنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە كەلگەن. ئاقسۇدىكى ئويكۆل دېگەن جايدا شەيخ جامالىددىن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ دىنىي تەرغىباتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خان بولۇپ ئالىي ھوقۇقنى قولغا ئالسا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 1353 - يىلى ئىسلام دىنىغا رەسمىي ئېتىقاد قىلىشىغا سەۋەب بولدى.