Uyghur主要词典
ئوغۇز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئانىنىڭ ۋە مالنىڭ يېڭى تۇغقان چېغىدىكى سۈتى.
ئوغۇز سۈتى.* ئوغۇزىغا قانمىغان بىچارە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى قەبىلىرىدىكى بىرىنىڭ نامى.
ئوغۇزخان. * ئوغۇزچە.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
باش سۈت، ئوغۇز سۈتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇز.
تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر - بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ.
بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى : قىنىق _ قىنىق. زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر.
ئىككىنچىسى: قايىغ _ قايىغ.
ئۈچىنچىسى : بايۇندۇر _ بايۇندۇر.
تۆتىنچىسى: ئىۋا _ ئىۋا. ئۇلار «يىۋا _ يىۋا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بەشىنىچىسى: سالغۇر _ سالغۇر.
ئالتىنچىسى: ئافشار _ ئافشار.
يەتتىنچىسى: بەكتىلى _ بەكتىلى.
سەككىزىنچىسى: بۇگدۈز _ بۇگدۈر.
توققۇزىچىسى: بايات _ بايات.
ئونىنچىسى: يازغۇر _ يازغىر. ئ
ئون بىرىنچىسى: ئەيمۇر _ ئەيمۇر.
ئون ئىككىنچىسى: قارا بۆلۈك _ قارا بولۇك.
ئون ئۈچىنچىسى: ئالقا بولۇڭ _ ئالقا بولۇك.
ئون تۆرتىنچىسى: ئىگدىر _ ئىگدىر،
ئون بەشىنچىسى: ئۇرەگىر _ئۇرەگىر. بۇلار « يۇرەگىر_ يۇرەگىر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئون ئالتىنچىسى: تۇتىرقا _ تۇتىرقا.
ئون يەتتىنچى: ئۇلايۇندلۇغ.
ئون سەككىزىنچىسى: تۇگەر _ تۇگەر. بۇ سۆز بەزىدە «_ ۋاۋ» ھەرپى تاشلىنىپ، «» شەكلىدىمۇ يېزىلىدۇ.
ئون توققۇزىنچىسى: پەچەنەك _ پەچەنەك.
يىگىرمىنچىسى: چۇۋۇلدار _ چۇۋۇلدار.
يىگىرمە بىرىنچىسى: چەبنى _ چەبنى.
يىگىرمە ئىككىنچىسى: چارۇقۇلۇغ _ چارۇقلۇغ.
مەھمۇت ئېيتىدۇكى، كىشىلەر بۇ قەبىلىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى بىلىشكە مۇھتاج بولغاچقا، مەن ئۇلارنى بىرمۇ - بىر يېزىپ چىقتىم. بۇ تامغىلار ئۇلانىڭ ئات - ئۇلاق ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە، شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونۇۋالىدۇ.
يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەنلىرىم ئوغۇزلارنىڭ تۈپ ئۇرۇقلىرىدۇر. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ يەنە بىر مۇنچە ئايماقلىرى بار. گەپنى قىسقا قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئېيتىپ ئولتۇرمىدىم. بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ نامىلىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئەرەپلەردە (سەلىم ئوغۇللىرى)، (خەفاجە ئوغۇللىرى) دەپ يۇرگۈزۈلگىنىدەك، ئۇلارمۇ ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا - بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.
1 - 77~80
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇز سۈت؛ ئېغىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈركىي خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېڭى تۇغقان ئاياللار ۋە ھايۋانلارنىڭ دەسلەپكى، يەنى تۇغۇپ بىر قانچە كۈن جەريانىدىكى سۈتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئوغۇز سۈتى؛تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئوغۇزخان
ئوغۇز سۈتى (تۇنجى ئەمگەن سۈت)؛ ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
مۇبارەك، ساپ ۋە كامىل يارىتىلغان ئادەم. ياش، ساغلام، كۈچلۈك. تۈركىي خەلقلرنىڭ ئەپسەنلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىمان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ شانلىق ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىمان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى ئاچقان ئاتا خاقاننىڭ ئىسىمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
مۇبارەك، ساپ ۋە كامىل يارىتىلغان ئادەم؛ ياش ساغلام، كۈچلۈك كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بەختلىك، سائادەتلىك.