Uyghur主要词典
ئوغۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سەۋەب، باھانە؛ مەزگىل، قېتىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سەۋەب، باھانە؛ مەزگىل، قېتىم؛ سۇۋاغۇ ئۇغۇردا - سۇغىرىش مەزگىلىدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب ئېچىش، تاش - قۇمىلاق سېلىش يولى بىلەن كىشىنىڭ ھال - ئەھۋالى ، كەلگۈسىنى بىلىدىغان ساختا بېشارەت.
پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە. ئالدامچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى دۇرۇس. تۆلگە ئاچتۇردۇم، تۈگمەنگە بارىسەن، _ دېدى. قۇرئىدىن چىققار گەپكە ئىشەنمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى ئۇۋاقلاش، پوستىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان بۇيۇم، نەرسە سالىدىغان ئىدىش ۋە ئۇرىدىغان سوقماقتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ۋاقتى ئۆتكەن ھاۋانچىنىڭ تېگى چۈشەر. ھاي دېسەڭ ھاۋانچىنى سۇندۇرىدۇ. سېپى سۇنسا، كىيىلىمۇ تۈگەيدۇ. ئوغۇر ئوغرىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. سوقىدا شال ئاقلاتتۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇر ئات _ قاشقا ئات. بۇ سۆز ئېيتىلىشى ھەم مەنىسى جەھەتتىن ئەرەبچىگە ئوخشايدۇ. پەقەت بۇ سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى ئەرەپچىدە فەتھە، تۈركچىدە زەممە بىلەن كەلگەن، خالاس.
1 - 74
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ۋاقىت.
نە ئوغوردا كەلدىڭ _ قايسى ۋاقىتتا كەلدىڭ؟
1 - 74
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دۆلەت.
بەگ ئوغرىندا مەنىڭ ئىشىم ئېتىلىدى _ بەگنىڭ دۆلىتى سايىسىدە مېنىڭ ئىشىم ئوڭشالدى.
1 - 75
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىرەر ئىشتىكى ئىمكان ۋە پەيت. بۇ ئىش ئوغۇرلۇغ بولدى _ بۇ ئىش دەل ۋاقتىدا بولدى.
1 - 75
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەدەل.
ئوغۇزچە. ئاتقا ئوغۇر _ ئالدىم ئاتقا بەدەل ئالدىم.
1 - 75
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوڭۇشلۇق، خەيرىلىك.
بۇ سۆز يولۇچىغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. يول ئوغۇر بولسۇن _ ئاق يول بولسۇن، سەپەر ئوڭۇشلۇق بولسۇن.
ئوغۇزچە.
1 - 75
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سەۋەب؛ پۇرسەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سەمىمىي، چىن دوست؛ بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن دەرھال تۇتۇش قىلماق.