ئوغۇل (ئوغلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەر جىنسقا تەۋە بولغان بالا، ئەر جىنسقا تەۋە پەرزەنت (ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇنىڭ ئامەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بىرىنچى شەخس، ئىگىلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ پەرزەنتى بىلەن تەڭ دېمەتلىك كىشىلەرگە قارىتا قىلىنغان مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوغلۇم، ئۇنداق قىلماڭ، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، دېدى بوۋاي يېلىنىپ.